باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2017-يىللىق جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.09.07 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 2017-يىللىق جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى بىلەن ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. تارىختا جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى يىپەك يولى ئارقىلىق سىرداش دوستلارغا ئايلانغان. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا ئايلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق ساھەسى بارغانسېرى كېڭەيدى، نەتىجىسى بارغانسېرى ئەمەلىي بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، مەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشىشى ۋە كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، تەڭ ھەرىكەتلىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىش» باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، كۆرگەزمە «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە مۇھىم سۇپا ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو ئەرەب ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تىنچلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر