باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قانداق تور كىرېدىتى ئاپپاراتىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلارغا قەرز پۇل بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ

2017.09.07 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جيەنجۈن 6-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەكتەپ كىرىدېتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھۆججىتىگە ئاساسەن، ھەر قانداق تور كىرېدىتى ئاپپاراتىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلارغا قەرز پۇل بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مۇنتىزىم سودا بانكىلىرى ئىستۇدېنتلارغا قارىتىلغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جيەنجۈن ئىستۇدېنتلار نېمە ئۈچۈن پۇل قەرز ئالغاندىن كېيىن مەكتەپ كىرېدىتى پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى: كېيىن قايتۇرىدىغان ئۆسۈمى شۇنچە يۇقىرى تۇرۇقلۇق ئىستۇدېنتلار نېمىشقا يەنە بۇ قەرزنى ئالىدۇ؟ چۈنكى نۇرغۇن ئاتالمىش تور سۇپىسى ئاپپاراتلىرى تەشۋىق قىلغاندا يالغان، ساختا تەشۋىق قىلىپ، ئىستۇدېنتلارغا بۇنداق قەرز پۇلى ئېلىشنىڭ ئاسان، ئەرزانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىستۇدېنتلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ساۋاتى مول بولمىغاچقا، قەرز ئاخىرى جازانىخورلۇققا ئايلىنىپ، ئۆسۈم ئېشىپ ماڭىدۇ، بەزى ئىستۇدېنتلار قايتۇرالمىغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ. جەمئىيەتتىكى ناچار تور كىرېدىتى ئاپپاراتلىرى ساختا تەشۋىق قىلىپ، ئىستۇدېنتلارنى ئالداپ، مۇشۇنداق ئىشنى كەلتۈرۈپ چىققان.

  جاۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاساسلىقى بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، سودا-سانائەت باش ئىدارىسى قاتارلىق بىر نەچچە تارماق بىرلىشىپ، بۇلتۇردىن بۇيان نۇرغۇن تەدبىر، نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، مەكتەپ كىرېدىتى مەسىلىسىنى تۈزىدى. بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مائارىپ مىنىستىرلىقى، بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ كىرېدىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھۆججىتىنى بېسىپ تارقاتتى، بۇ ھۆججەتتە مەكتەپ كىرېدىتى كەسپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەر قانداق تور كىردېتى ئاپپاراتىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلارغا قەرز پۇل بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر