باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ماختىدى

2017.09.06 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق يەلكىنى دولقۇنلار يېرىپ يەنە بىر قېتىم شىيامىندىن يولغا چىقتى. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى تۈنۈگۈن شىيامىن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  خەلقئارا جەمئىيەت شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىكى نەتىجىلىرىنى ماختىدى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىي، مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ 2- «ئالتۇن 10 يىلى»نىڭ دۇنيانىڭ ئېھتىياجىغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاچقۇچ- ھەمكارلىق يولىنى توغرا تاپقانلىقىدا. بۇ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، بىرلىكتە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، ئىچىۋېتىلگەن كەڭ قورساق بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، باشقا بازىرى گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ياخشى تاشقى مۇھىتنى بىرلىكتە يارىتىشتىن ئىبارەت.

  ئاۋسترالىيە يېڭىلىق يارىتىش پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى گو شىڭشىياڭ بۇنى قۇۋۋەتلەپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئوخشىمىغان قىتئە ۋە رايوندا تۇرماقتا، بايلىق ئەۋزەللىكى ئوخشىمايدۇ، تەرەققىيات يولىمۇ ھەم شۇنداق، ئەمما تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەمكارلىقتا، بايلىق جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاپلا قالماستىن بەلكى تەرەققىيات يولى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆرنەك قىلىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەمچى باش كاتىپى، خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى گاڭسارىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى مېخانىزمى ئۆتكەن 10 يىلدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ناھايىتى چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مېخانىزمدا گەۋدىلەنگەن ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىق روھى توغرا يۆنىلىشكە ۋەكىللىك قىلدى. بەش دۆلەت ئالماشتۇرۇش، ئورتاق پىكىر قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيادىكى ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنىڭ تۈپ ئاساسى، بۇ جەھەتتە بىزنىڭ نەتىجىمىز زور. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزمۇ شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قېزىپ چېقىلمىدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، 2016-يىلى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ چەتئەللەرگە سالغان مەبلىغى 197 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى بۇنىڭ %5.7 لا بەش دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بېرىلغان. بۇ بىز بەش دۆلەتنىڭ يەنە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈردى.

  ئامېرىكا كۇئىن فوندىنىڭ رەئىسى كۇئىن مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئۆتكەن ئون يىلدا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى قۇرۇشتەك بىر قىسىم ئەمەلى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئورۇنلاپ بولغان ۋە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلىرىدە يېشىل مەبلەغ سېلىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەشكە مەبلەغ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى رامكا بەرپا قىلدى.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى كامات مۇنداق دېدى: يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ نىشانى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ زورىيىدۇ. بىز، كەلگۈسى بەش يىلدا، 2021-يىلى تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدىغان قەرز پۇل سوممىسىنى 32 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ھىندىستان سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھىندىستان بىلەن جۇڭگودا 2 مىلياردتىن كۆپرەك نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى %35 نوپۇس 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھەمدە ناھايىتى كۆپ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نۇقتىلىرى بار. مەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۇنيا ۋەزىيىتىدە نۇرغۇن، چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا، بەش دۆلەت خەلقى بىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت بىزنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزنى كۈتمەكتە.

  ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ كاتىپى گەيرىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆتكەن ئون يىلدا، ئىقتىسادى كىرىزىس، تېررورلۇق قاتارلىق كۆپلىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنى كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىيەلمىدى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەش ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

  قازاقىستان دۇنيا ئىقتىساد سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ياۋروپا ئاسىيا مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسى ئىزموف مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر دۇنيا ۋەزىيىتىگە تۈرتكە بولالايدۇ، بازىرى گۈللىنىۋاتقان باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى ۋە پۇرسەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر