باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى چىقىمنى توختىتىش، پۇل قايتۇرۇۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

2017.09.06 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىدىن ئىبارەت قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى كۆپ تەرەپتىن ھەمكارلىشىپ، ئالدامچىلىققا قارىشى تۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، چىقىمنى توختىتىش، پۇل قايتۇرۇۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلوسىغا چېتىشلىق ھىساباتتىن 6056نىڭ، دېلوغا چېتىشلىق پۇلدىن 107 مىليون يۈەننىڭ چىقىمىنى توختاتتى ۋە ئۇنى توڭلاتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر شىنجاڭدا تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى ئەۋج ئالغان، توردىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان؛ توردا مال سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى، مەبلەغ توپلاپ پايدا قايتۇرۇش، قەرز ئېلىش، ئىناۋەت كارتىسى ئالدامچىلىقى قاتارلىق دېلولار بىر قەدەر كۆپ ئىكەن؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش، مەبلەغ سېلىش، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، سودا تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ زىيان سېلىش سوممىسى بىر قەدەر كۆپ ئىكەن.

  بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ ئالدامچىلىققا قارىشى تۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، شىنجاڭ دائىرىسىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ساقچى ئەھۋالىنى 24 سائەت قوبۇل قىلىپ، ئالدامچى ئۇنسۇرلار دېلو سادىر قىلىدىغان ھېسابات ۋە ئالاقە نومۇرىنى تېزدىن قولغا چۈشۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن مەخسۇس خادىم، مەخسۇس لىنىيە، مەخسۇس ئۈسكۈنە ئورنىتىلغان بانكىلار، خەۋەرلىشىش تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مەخسۇس ۋاستىسىغا تايىنىپ، دېلوغا چېتىشلىق ھېساباتنى تېزدىن تەكشۈردى ۋە چىقىمىنى توختاتتى، دېلوغا چېتىشلىق نومۇرنى تېزدىن تەكشۈردى ۋە توختاتتى، ئالدانغانلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ئەسكەرتىش بەردى.

  ئۇندىن باشقا، شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى يەنە بانكىلار بىلەن ماسلىشىپ، ئالداپ ئېلىۋېلىنغان دېلوغا چېتىشلىق پۇلنى تېزدىن سۈرۈشتۈردى، تەكشۈرۈپ تېپىلغاندىن كېيىن دەرھال چىقىمنى توختاتتى ۋە توڭلاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەبلەغ قايتۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالدانغان ئاممىغا قايتۇرۇلغان پۇلنى تېزدىن كۆرسەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر