باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2017.09.06 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈنۈگۈن «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئۇچرىشىشتا « <كېسەك ئالتۇن> دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن خىتابنامىسى» ماقۇللاندى، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان روھى تەكىتلىنىپ، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىپ، «كېسەك ئالتۇن» ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانى تۈزۈلدى. 5 دۆلەت رەھبىرى مۇنداق قارىدى: «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى مۇھىم مەسىلىلەردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىنى قوغداپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشى؛ ماكرو سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشى؛ سىياسىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ ھەم مېخانىزملاشتۇرۇپ، 5 دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، «كېسەك ئالتۇن» مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى شيامېن ئۇچرىشىشىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تېخىمۇ قويۇق، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئورتاق ئورنىتىپ، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى يارىتىشىنى قارار قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر