باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى-كونا ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىغا كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.09.06 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۈينىڭ، ئۆلكە باشلىقى لۇ ياڭشېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا چاڭجى، لىنفېن شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ تەيخاڭشەننىڭ ئىچكىرىسىدىكى ۋۇلۇڭشەن يېزىسىنىڭ چېڭجۇاڭ كەنتىگە بېرىپ، نامرات ئاممىنى ئۆيلىرىگە كىرىپ يوقلىدى، دۆڭگە چىقىپ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى، ئاھالىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى، ئىچىدىغان سۈيى، داۋالىنىش خىراجىتىنى قانچىلىك ئاتچوت قىلىدىغانلىقى، ئىشلەمچىلىكتىن قىلىدىغان كىرىمىنىڭ قانداقلىقىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىدە كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندا قىلغان سۆزىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك»، دېدى. لى كېچياڭ يېزىلارنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىيىن نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ كەنت شىپاخانىسىغا كىرىپ، كەنت دوختۇرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرنىڭ ناھىيەلىك، يېزىلىق دوختۇرخانا بىلەن بىرلىشىپ داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا يۆتكەش بىلەن بىرگە، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدى. ئۇ يەنە شىپاخانىدىكى دورىلارنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، مۇنتىزىم چوڭ زاۋۇتلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغانلىقى، تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، داۋالاش ئىسلاھاتى ئۈنۈمىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولدى. ئۇ كەنت دوختۇرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان تۇنجى مۇداپىئە ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  لى كېچياڭ سەنشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى-كونا ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر