باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەش ئالتۇن كېسەك دۆلىتى شيامېندا تاموژنا ھەمكارلىق ئىستىراتېگىيەلىك رامكىسىنى ئىمزالىدى

2017.09.06 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۇ گۇاڭجۇ 4-سېنتەبىر شيامىندا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى تاموژنا باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە « ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى تاموژنا ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى»نى ئىمزالىدى.

  بۇ ھەمكارلىق ھۆججىتى 4-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ۋە سودا سانائەت كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بەش ئالتۇن كېسەك دۆلىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق شاھىت بولۇشى ئارقىسىدا ئىمزالاندى.

  ھۆججەتتە ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قانۇن ئىجراسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ــ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى تاموژنا ھەمكارلىقىنىڭ پىرىنسىپى قىلىندى شۇنداقلا سودىنى قولايلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، كەلگۈسىدە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ تاموژنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  تاموژنا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ باشقا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت ئېكسپورت سوممىسى 1تىرىليون150 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %32.9 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 14.4 پوئىنت يۇقىرى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 586 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، %28.7 ئاشقان، ئىمپورت 561 مىليارد 880مىليون يۈەن بولۇپ، %37.7 ئاشقان، سودا ئاكتىپ بالانسى 24مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، %48.5 ئازلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر