باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 18-قارارلىق ۋەكىللەر كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2017.09.06 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 18-قارارلىق ۋەكىللەر كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى يېڭى ئىدىيەسى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئوبدان ئىشلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش- خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەر بىلەن ئالاقە قىلىش، ۋەكىللەر خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرگە يېقىندىن تايىنىپ قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، پىكىر بېرىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەمدە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەمدە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر