باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كولومبىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ بىلەن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2017.09.06 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كولومبىيە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات بولغان كولومبىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى، ئىككى تەرەپنىڭ يېرىم ئەسىر داۋاملاشقان قوراللىق توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشتە مۇھىم قەدەم تاشلاش ئۈچۈن، 4- سېنتەبىر ئىكۋادورنىڭ پايتەختى كويتودا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  شۇ كۈنى، كولومبىيەدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ئىكۋاتورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەيسپىنوسانىڭ گۇۋاھ بولۇشى بىلەن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. كېلىشىمگە بىنائەن، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىش 102 كۈن كۈچكە ئىگە بولۇپ، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يولغا قويۇلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئىككى تەرەپ بارلىق دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىدۇ.

  ئەيسپىنوسا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىم كولومبىيە بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر