باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىسلام دۆلىتىنىڭ مۇھىم بازىسىغا يېقىنلاشتى

2017.09.06 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ بىر خەۋەردار ئەربابىنىڭ 4- سېنتەبىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە: ھازىر، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم بازىسى بولغان دەيزۇر شەھىرىگە يېقىنلاشقان بولۇپ، 24 سائەت ئىچىدە ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ بۇ شەھەردىكى قامىلىنى بۇزۇپ تاشلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى دەيزۇر ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىيەت رايونىغا كىرگەن، ھەمدە ئىسلام دۆلىتى قورشاۋ ئىچىگە ئالغان بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزى دەيزۇر شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يېقىنلىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى بۇ شەھەرنى توپقا تۇتقان.

  ھازىر، ئىسلام دۆلىتى سۇرىيەدىكى ئاساسلىق كونترول قىلىپ تۇرغان رايونى دەيزۇر ئۆلكىسىگە تارايغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر