باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ ئىككى نەپەر توختاملىق ئەسكىرى سۇرىيەدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

2017.09.06 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ توختاملىق ئىككى ئەسكىرى 4-سېنتەبىر سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيزۇر ئۆلكىسىدە ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلدى.

  بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: بۇ ئىككى توختاملىق ئەسكەر شۇ ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىلنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېتىۋاتقاندا، ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زىنىت توپ بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى نەق مەيداندا قازا قىلغان، يەنە بىر كىشى قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي قازا قىلغان.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 4- سېنتەبىر، رۇسىيە ھاۋا قىسمىنىڭ يېقىندا ئىسلام دۆلىتىنىڭ نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم بازىسى بولغان دەيزۇر شەھىرىگە ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر