- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ سەنشى ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈردى
2017.09.06 16:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-، 5-سېنتەبىر سەنشى ئۆلكىسىنىڭ چاڭجى، لىنفېن قاتارلىق جايلىرىدا خىزمەت تەكشۈردى.
لى كېچياڭ لۇئەن گۇرۇھى شىگېجيې كۆمۈر كېنىغا بېرىپ، كان قۇدۇقىنى تاقاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللاپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ماكان ھازىرلاش كېرەك. كۆمۈر باھاسى ئۆرلەۋاتقان ئەھۋالدا، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن ساقلىنىش لازىم. لى كېچياڭ كەسىپ ئالماشتۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىلا بولىدۇكى، قالاق ئەمگەك كۈچى بولمايدۇ، ئادەم-قىممەتلىك بايلىق. ئۇ ئىشچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى خىزمەت تاپقانلىقىنى ئۇقتى، ئۇ كىرىم ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ كانغا ئەمەس، ئادەمگە قارىتىلغان كەسىپ ئالماشتۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتىمۇ-يوق دەپ سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كان ئىشچىلىرى دۆلەتكە تۆھپە قوشتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشى، ئىش ئورنىدىن قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھازىر قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىساق، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ زور پايدىسىنى كۆرىمىز.
لى كېچياڭ تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چېڭجۇاڭ كەنتىگە بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىدە رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان ئېغىر نامرات جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىكى تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. لى كېچياڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بۇ-نامراتلارنى يۆلەشتىكى قىيىن نۇقتا ئىدى. ئۇ كەنت شىپاخانىسىغا بېرىپ، بۇ يەرنىڭ ناھىيە، يېزىلىق دوختۇرخانىلار بىلەن بىرلىشىپ داۋالاش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كېسەلنى ۋاقتىدا يۆتكەيدىغانلىقى، مۇنتىزىم چوڭ زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارنى ئىشلىتىدىغانلىقى، تۈرىنىڭ كۆپلىكىنى ئۇقتى، ئۇ داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىدىن ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى. لى كېچياڭ ۋېيمېينو ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسىدىكى ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان كىچىك، ئۇششاق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىدا تەتقىقات بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش-خەلق ئاممىسىنىڭ مىسلىسىز ئىجادىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچلۈك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
لى كېچياڭ لىنفېن پولات-تۆمۈر شىركىتىدە، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈنلەي شاللىنىپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىنى ئۇقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: زىيادە، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش ۋە شاللاش-تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى ئىلغار، ئېسىل مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى خىزمەتچىلەر ئەسلىدىكى كارخانىغا نىسبەتەن يۈك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلارنى يېڭى كارخانىلاردىكى ئىختىساسلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىش كېرەك.
لى كېچياڭ پۇقراۋى كارخانا بولغان خۇاشياڭ گۇرۇھىدا، بۇ كارخانىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى، ھەممىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇپ، بازار بىلەن يېقىندىن بىرلىشىپ، تۈزۈملەشكەن، خاسلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، ھۈنەرۋەنلەرگە يۇقىرى مائاش، مۇكاپات بەرگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ يىللىق مائاشىنىڭ باش دىرېكتورنىڭ مائاشىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقتى. لى كېچياڭ بۇنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، ئىختىساسلىقلار-بىرىنچى ئامىل، تۈزۈلمە مېخانىزمنى ئۆزگەرتىش-مۇھىم ھالقا. چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئادەملەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ قوزغىشى لازىم. ئۇ ھۈنەرۋەن-ئۇستىلارنى ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەپ، ھۈنەرۋەنلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا باھا جەھەتتىكى رىقابەت كۈچى ئاتا قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەت رىقابەت كۈچى ئاتا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
لى كېچياڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كونىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى ھەم خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر