باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەقسىز يەسلىلەردىن كۆڭلىمىز سۆيۈندى

(كۇچا ناھىيەسى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى داۋزىيار كەنت ئاھالىسى سۈبىھە ياسىن)

2017.09.07 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلتۇر 10-ئايدا، كەنت كادىرلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يەتكۈزۈپ، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان يېزا بالىلىرىنىڭ ئۆي ئەتراپىدىكى يەسلىلەردە ھەقسىز ئوقۇيالايدىغانلىقى، سەۋىيەسى يۇقىرى مۇئەللىملەرنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقانىدى. بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن تۆت ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنى ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى يەسلىگە ئاپىرىپ بەردىم. بىرىنچى ھەپتىسى مەن دائىم بالامدىن يەسلىدە نېمىلەرنى ئۆگەتتى؟ قورسىقىڭ تويدىمۇ؟ خۇشال بولدۇڭمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ تۇردۇم. بالام ماڭا ناھايىتى ياخشى ئويناۋاتقانلىقىنى، تاماقنىمۇ تويۇپ يەيدىغانلىقىنى، يەسلىگە بەك ئامراقلىقىنى دېدى. دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدىكەن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە بولكا، سۈت ۋە مېۋە بېرىدىكەن. بالىلارنىڭ يەسلىدىكى تامىقى ئۆيدىكى تامىقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مول ئىكەن. بۇ يېرىم يىلدىن بۇيان، بالامدا چوڭ ئىلگىرىلەشلەر بولدى، بىزگە دۆلەت تىلىدا ھېكايە سۆزلەپ بېرەلەيدىغان، بالىلار ناخشىسى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولدى.

  بالامنىڭ يەسلىدە ئوقۇشى ھەقسىز، بىزدىن بىر موچەن پۇلمۇ ئالمايدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يولغا قويغان مۇشۇ ياخشى سىياسەتلىرىگە ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز. بىز مۇئەللىملەرنىڭ بالا ئوقۇتۇشىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، بالىنىڭ دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە يۇرتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر