باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.09.07 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يەنە بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئادىل، ھەققانىي قىلىش؛ سۈپەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، سودا مۇھىتىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. كارخانىلارنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا پايدىلىق بولىشى ئۈچۈن يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ 2015-يىلى «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىپ، 116 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق ئۇسۇلىنى تيەنجىن، لىياۋنىڭ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، شەنشىدىن ئىبارەت 10 ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، كارخانىلار دۇچ كېلىۋاتقان «كىنىشكا بېجىرىش ئاسان، گۇۋاھنامە بېجىرىش تەس بولۇش»، «بازار ئىجازىتى بېرىپ، تىجارەت ئىجازىتى بەرمەسلىك» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى بېسىپ ئۆتۈش كېرەك. بىرىنچى، دۆلەت بىخەتەرلىكى، جامائەت بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت ساغلاملىقى قاتارلىق زور جامائەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلاردىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىدىن ئايرىۋېتىشكە بولىدىغانلىكى ئىجازەت تۈرىدىكى گۇۋاھنامىلىرىنى ئايرىۋېتىش ۋە يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن باشقا باشقۇرۇش چارىسى قوللىنىپ، كىنىشكا بىلەنلا تىجارەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى نۇقتىدا سىناق قىلغان 116 تۈرلۈك ئىجازەت ئىشلىرى يۇقىرىدىكى رايونلاردا قوللىنىلىدۇ، مۇددىتى ئوخشاشلا 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەستىقلىغاندىن كېيىن شارائىتى بار دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، دۆلەت يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇن-نىزام، گوۋۇيۈەن ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەيدىغان مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىدا ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش-قوللانماسلىقنى يەرلىك ئۆزى بېكىتسە بولىدۇ. ئىككىنچى، بازار مېخانىزمىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، كارخانىلار ئۆز ئالدىغا باشقۇرالايدىغان ھەم ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىدىكى كىنىشكا بېكىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئىشلارنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. تىجارەت پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇچۇر توپلاشقا تەۋە، خاتىرىلەپ ئېلان قىلىش ۋە ئارخىپ باشقۇرۇش تۈرىدىكى گۇۋاھنامە، كىنىشكىلارنى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ تىجارەت كىنىشكىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىش ياكى ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماقلار ئارا كەسىپنى ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش كېرەك. يىغىندا يەنە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ 1-دەرىجىلىك سالاھىيەت بېكىتىش، تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشى تۈرىگە خېرىدار بولۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ 52 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش تۈرىدە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەستىقلاش، ئورمان رايونىدا ياغاچ ماتېرىيال تىجارىتىنى (پىششىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق مەركەز بېكىتكەن يەرلىك يولغا قويىدىغان 22 تۈرلۈك ئىجازەت ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 23 تۈر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا سۇنۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قىسقارتقان تەستىق ئىشلىرى 697غا يېتىپ، ئومۇمىي تەستىق ئىشىنىڭ %41نى ئىگىلىدى. يىغىندا، تەستىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بوشلۇق قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئادىل، ھەققانىي بازار تەرتىپىنى قەتئىي قوغداش تەلەپ قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر