9- ئاينىڭ 7- كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شياۋ جيې (سولدا) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر (ئالدىنقى ئوڭدا) بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى ئۈچۈن يوپۇق ئاچتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ھۆكۈمەتلەر ئارا يېڭى قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزكۇر ئورگان بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى چۆرىدەپ، رايونلار ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى ئىقتىسادى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا ئەزا بولغان 11 دۆلەت بىرلىكتە قۇرغان بولۇپ، ئۇنى ئاشۇ دۆلەتلەر بىرلىكتە باشقۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى