باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۈندىدار توپى قاتارلىق توپ باشلىقلىرىنىڭ توپ-گۇرۇپپىا باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەكىتلىدى

2017.09.08 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 7-سېنتەبىر بېسىپ تارقاتقان «ئالاقە تورىدىكى توپ-گۇرۇپپا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالاقە تورىدا توپ- گۇرۇپپا قۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلار توپ- گۇرۇپپا باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، يەنى «توپنى كىم قۇرغان بولسا شۇ مەسئۇل بولۇش»ى، «توپنى كىم باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش»ى لازىم. قانۇن-نىزاملارغا، خېرىدار كېلىشىمى ۋە سۇپا ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، توپ گۇرۇپپا تور ھەرىكىتى ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقە تورىدىكى توپ-گۇرۇپپا ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا قولايلىق ياراتتى، لېكىن ئالاقە تورىدىكى بەزى توپ-گۇرۇپپا ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر باشقۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك بولماسلىق، قىسمەن توپ-گۇرۇپپا باشقۇرغۇچىلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق سەۋەبلىك شەھۋانىي، زوراۋانلىق-تېررورلۇق، پىتنە-ئىغۋا، شاخلىتىپ سېتىش، قىمار ئويناش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلار توپ- گۇرۇپپا ئارقىلىق تارقىلىپ ۋە كېڭىيىپ كەتتى، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يەنە توپ-گۇرۇپپا ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.

  ئالاقە تورىدىكى توپ-گۇرۇپپىلار — ئىنتېرنېت تورى ئابونتلىرى ئالاقە تورى تور بېكەتلىرى، كۆچمە ئالاقە تورى ئەپ پىروگراممىلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان، كىشىلەر توپ ئارقىلىق توردا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئۈندىدار توپى، QQ توپى، مىكرو بىلوگ توپى، يازمىخانا توپى، مو مو توپى، چىقىمدان توپى قاتارلىق تور بوشلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقە تورى توپ-گۇرۇپپا ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇچۇر مەزمۇنىنى بىخەتەر باشقۇرۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مۇلازىمەت كۆلىمىگە ئىگە كەسپىي خادىملار مۇناسىپ تېخنىكا ئىقتىدارى ھازىرلىشى، ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىتىش، ئۇچۇر تەكشۈرۈش، جىددى بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  بەلگىلىمىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر توردىكى توپ-گۇرۇپپا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئېنىقلىشى، ئىناۋەت دەرىجىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشى، توپ-گۇرۇپپا كۆلىمىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ، دەرىجە ۋە تۈر بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى ھەمدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى لازىم.

  ئالاقە تورى توپ-گۇرۇپپا ئەزالىرى توپ-گۇرۇپپىلاردا ئۇچۇر ئالاقە قىلغاندا، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، مەدەنىي ئالاقە قىلىشى، ئاقىلانە پىكىر بايان قىلىشى كېرەك. بۇ بەلگىلىمە 2017- يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر