باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2017.09.08 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ئىسلام ئاخبارات ئاگېنتلىقى 6- ئاۋغۇست ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىفىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستان خالىسىلا ئىران تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئاللىقاچان تەييارلىق قىلىپ بولدى، دېدى.

  زەرىفى مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇھىم ئىسلام دۆلىتى، شۇڭا بىز سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىسلام دۆلەتلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولدۇق».

  زەرىفى سۇرىيە مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى، ئۇ: «سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاشقۇن تەشكىلات ‹ئىسلام دۆلىتى›گە زەربە بېرىپ، دەير ئەلزۇرنى قامال قىلىشى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى «زور غەلىبە›»، ھەرقايسى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش پۇرسىتى يېتىپ كەلدى، دېدى.

  ئۇ تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران سۇرىيە مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، سۇرىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى سۇرىيە خەلقى ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك، سۇرىيە خەلقىگە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىمىز، لېكىن بىز ھازىردىن باشلاپ ھەرقايسى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلايمىز».

  2016-يىلى 2-يانۋار، سەئۇدى ئەرەبىستانى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ گۇمان قىلىپ، 47 مەھبۇسنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىئە مەزھىپىدىكى داڭلىق دىنىي زات نەمىرمۇ بار بولۇپ، ئىراندا شىئە مەزھىپىدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى. شۇ كۈنى كەچ ئىراندىكى نامايىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىغا ئۇجۇم قىلدى. 3-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  ئۇزاقتىن بېرى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا سۇرىيە مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزچىل ئېغىر ئىختىلاپ ساقلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر