باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار جۇشقۇن روھ بىلەن 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالماقتا

2017.09.08 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. بۇ-ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە باسقۇچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھ، شادىيانە كەيپىيات بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى قىياپىتىنى يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، ئەلا نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سىچۈەن بىلەن گۈيجۇنىڭ تۇتىشىدىغان جايىدىكى چىشۈي شەھىرى لياڭخې بازىرىنىڭ دارۇڭ كەنتى ئون يىل بۇرۇن تېخىچە قاتنىشى قولايسىز نامرات كەنت ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدا، دارۇڭ كەنتى ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى. دارۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ يوڭفۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كۈرەش سىگنالىنى ئومۇميۈزلۈك چالدى، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى، كۆپچىلىك كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى دېگەن تۇيغۇغا كەلدى.

  سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرى ليۇجياچۈەن كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى گاۋ يەنشيا سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ئەمەلىيىتىدىن چوڭقۇر تەسىرات ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەت ھازىرلانغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزگە ئوخشاش پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تولۇپ-تاشقان روھىي كەيپىيات بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  ئېلىمىزنىڭ تۇنجى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمە سىنىقى 2016-يىلى ئۈچ دەريا مەنبە رايونىدا قۇرۇلۇپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ «ئېكولوگىيە كۆزنىكى» بەرپا قىلىندى. 29 ياشلىق جوماجيا ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەسمىي تەكلىپلىك ئېكولوگىيە باشقۇرغۇچىسىغا ئايلاندى. جوماجيا مۇنداق دېدى: ھازىر ئوت-چۆپلەر بولۇپ ئۆسمەكتە، دەريا قىنىمۇ كېڭەيمەكتە، يېقىنقى بەش يىلدا يۇرتىمىز ئېكولوگىيەسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن يۇرتۇمنى سۆيىمەن، ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ سۆيىمەن، مېنىڭ تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق، گۈزەل جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار سەھىپىسىگە بىر يارقىن مەنزىرىنىڭ قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەر قايسى كەسىپلەردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئۆز خىزمىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزلىرى تەۋە بولغان ساھەلەردە تېرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالماقتا.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پۇقراۋى ئايروپىلان كەسپى ئومۇميۈزلۈك قەد كۆتۈردى، C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئۇچتى، ARJ21 تىپلىق ئايروپىلان بازاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. C919 تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى تۇنجى ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئايروپىلان باشلىقى سەي جۈن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، بىزنىڭ جۇڭگونىڭ پۇقراۋى ئايروپىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش شۇنداقلا ئۆز ئىش ئورنىمىزدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ چوڭ ئايروپىلان ئىشلىرىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار.

  فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرىدىكى بىر بىمار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مەن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇردۇم، بۇنىڭ كېسەل تۈرى بىلەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى يەتتە مىڭ يۈەن ئىدى، مەن داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن %70 نى ئاتچوت قىلدىم، قالغىنىنى ئۆزۈم تۆلىدىم. ھازىر دوختۇرخانىلارنىڭ كۆپ تەكشۈرۈشى، ئارتۇقچە داۋالىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق، سەنمىڭ شەھىرى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان داۋالىنىش تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كىرىشىپ، بىمارلارنى ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

  يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىدا، جۇڭگو ئىنتېرنېتىدا بىر تۈركۈم دۇنياۋى كارخانىلار بارلىققا كەلدى، يەنە بىر تۈركۈم باشلامچىلار يېتىشىپ چىقتى. پەقەت گۇاڭجۇدىلا، ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، كەسپكارلارنىڭ سانى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ. گۇاڭجۇ جيۇباڭ رەقەملىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات پىلان ئىشخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى جۇلياڭ مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا ساھەسى-يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئالاقىدار يېڭى قانۇن، يېڭى سىياسەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. 19-قۇرۇلتاي-ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، 19-قۇرۇلتاي-كەلگۈسىدىكى جۇڭگو ئىنتېرنېتى قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىكىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  باۋتۇ پولات-تۆمۈر گۇرۇھى تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاۋيا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى-ئىچكى موڭغۇل تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ. مەن ئاساسىي قاتلامدىكى بىر تېخنىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كارخانىنىڭ مەھسۇلات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق تىپىنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستۈمگە ئېلىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا پاراسىتىمنى تەقدىم قىلىمەن؛ مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىپ، «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»قا يېڭى تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر