باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دالا خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

2017.09.08 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دالا خىزمىتى بۇ يىل 6-ئايدا رەسمىي باشلاندى. ھازىر بىرىنچى باسقۇچتىكى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ خۇلاسىسىدىن ئايان بولۇشىچە، رايوننىڭ ئورۇن مۇقىملىقى ۋە قۇرۇلۇشقا ماسلىشىشچانلىقى ئومۇمەن بىر قەدەر ياخشى بولغان؛ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن رايونلارنىڭ يەر ئاستى بوشلۇقتىن ئېچىپ پايدىلىنىش شارائىتى ياخشى بولۇپ، كۆلەملەشكەن ئېچىشقا مۇۋاپىق كېلىدىكەن؛ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن رايونلارنىڭ تۇپراق مۇھىتى پاكىزە ئىكەن؛ يەر ئاستى سۇ سۈپىتى ئومۇمەن ياخشى ئىكەن، بىراق يەر ئاستى سۈيى يەنىلا ئادەتتىن تاشقىرى ئېلىش ھالىتىدە بولۇپ، يەر ئاستى سۇ چېنى داۋاملىق تۆۋەنلەۋېتىپتۇ، يەر يۈزىنىڭ چۆكۈشى ئېغىر ئىكەن؛ رايون ئىچىدە تېيىز قاتلام يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش مۇۋاپىق ئىكەن.

  جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ كۇن 6-سېنتەبىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە يەر يۈزىنىڭ چۆكۈشى ئېغىرراق رايونلار يۇقىرى پەرق ئېتىش نىسبىتى بويىچە تەكشۈرۈش، يەر ئىسسىقلىقى قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر