باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا سوت مەھكىمىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلارنى بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى قانۇنلۇق دەپ كېسىم چىقاردى

2017.09.07 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ۋېنگىرىيە بىلەن سىلوۋاكىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەرز شىكايىتىنى قايتۇرۇۋېتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2015-يىلى سېنتەبىردە ماقۇللىغان مۇساپىرلارنى بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى قانۇنلۇق دەپ كېسىم چىقاردى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەرزىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇساپىرلارنى بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ماقۇللىقىدىن ئۆتمىگەن، تەرتىپى قانۇنسىز. بۇنىڭدىن باشقا بۇ لايىھە مۇساپىرلار كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە يا ئۈنۈملۈك ئەمەس يا زۆرۈرمۇ ئەمەس. شۇڭا ياۋروپا سوت مەھكىمىسى مۇساپىرلارنى بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇن چىقىرىش تەرتىپى ئارقىلىق ماقۇللانمىسىمۇ بولىدۇ، ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى تەستىقلىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ بىردەك ماقۇللىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ كېسىم چىقاردى. ياۋروپا سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇشۇنداق پىلان نەتىجىسى بىلەن بۇنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا گۇمانىي باھا بەرمەسلىك كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر