باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ

2017.09.07 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينىغان مۇھىم رولىدا جۇڭگونىڭ تۆھپىسى چوڭ.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى شيامېن ئۇچرىشىشىنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا بولغان ئەھمىيىتى زور، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىجابىي رول ئوينىدى.

  بەش ئالتۇن كېسەك دۆلىتى قاراتمىلىق ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەر يىلى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشى ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى ئورناتتى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلدى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى قەرەللىك ئۆتكۈزۈلدى، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا يىغىن مەزگىلىدە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىرەسمىي ئۇچرىشىشنى ساقلىدى، يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئورتاق مەيدان تۇتۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئىقتىسادى ئاساسى بار، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يەر شارىدىكى مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن يەر شارىنىڭ 3دىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيانىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %23گە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نىسبەت داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. يېقىندا شاڭخەيدە ئېچىلغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئىقتىساد سودا مىنىستىرلار يىغىنىدا نۇرغۇن مۇھىم ھەمكارلىق نەتىجىلىرى قولغا كەلدى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق ئېغىز تورى قۇرۇش، «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى مۇلازىمەت سودا ھەمكارلىق يول خەرىتىسى»،«ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىق تەشەببۇسى»،«ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىق يېتەكچى پىرىنسىپى»، «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش ھەمكارلىق پىروگراممىسى» شۇنداقلا« ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىق رامكىسى» قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەر تەستىقلاندى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ سىستېمىلىقى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايەن قىلدى.

  شەك شۆبىسىزكى ،100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى دەسلەپكى كاپىتالغا ئىگە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى، بۇ بانكىنىڭ باش شۆبىسى شاڭخەيدە. گەرچە بۇ پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى 2015-يىلى 7-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان، تېخى ياش ، بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى مۇقىم بولدى، 2016-يىلى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى 5 ئەزا دۆلەتنىڭ 7 تۈرىنى تەستىقلىدى، 1مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بەردى. بۇ يىل 10دىن 15 كېچە قەرز تۈرىنى تەستىقلاشنى پىلانلىماقتا، قەرز پۇل كۆلىمى 2مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 3مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى تەرەققىيات بانكىسى يەنە يېشىل تەرەققىيات تۈرىگە ئالدى بىلەن مەبلەغ ئاجرىتىدۇ شۇنداقلا تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكا تىجارەت ئۇسۇلىنى قوللىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، يەر شارىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا جۇڭگو ئىقتىسادى مۇھىم تەسىرى كۈچكە ئىگە بولدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى سەركە ــ جۇڭگونىڭ رولى بارغانسېرى چوڭ بولدى، بۇنىڭ بىر مۇھىم ئىپادىسى شۇكى خەلق پۇلىنىڭ ئورنى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ئالاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، باشقا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن نەپ ئالدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يەر شارىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ، جۇڭگونىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

  نۆۋەتتە رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولماقتا، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يادرو قىلىندى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورنى باراۋەر، ئادىل بولدى. جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مەيلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياكى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا بولسۇن جۇڭگو باراۋەرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىغا باشتىن ئاخىرى ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ كىچىك ياكى چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىردەك باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئالايلۇق، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىدا بەش ئالتۇن كېسەك دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھەجمى جەھەتتىكى پەرقى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا ئوخشاش، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا باراۋەر، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى.

  شيامېن ئۇچرىشىشىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر