- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2013-يىلىدىن بۇيان چەتئەللەردىن 174 كىشىنى قايتۇرۇپ كەلدى
2017.09.08 16:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
خەلقئارا تەپتىشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 22-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2013-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تەپتىش ئورگانلىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى دېلوسىدىن 632نى بېجىرگەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئالاقىدار دېلو بېجىرىش ئورگانلىرىنىڭ چەتئەلگە چېتىشلىق ۋەزىپىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىدىن بىر تۈركۈمنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان. چەتئەللەردىن 174 كىشىنى قايتۇرۇپ كەلگەن، قايتۇرۇۋېلىنغان دېلوغا چېتىشلىق مۈلۈكنىڭ قىممىتى بىر مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زور مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەپتىش پاراسىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ئەدلىيە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىدا بارغانسېرى گەۋدىلىك رول ئوينىغان. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شىن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەپتىش ئورگانلىرى تاشقى ئەدلىيە تەپتىش ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى جەريانىدا، چەتئەللەر بىلەن تور، چىرىكلىك، پۇل يۇيۇش جىنايىتى، تېررورلۇق، زەھەر جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە يۈكسەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر