خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5–سېنتەبىر، ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى سەشىنېز ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 5-سېنتەبىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇق ئارقىلىق يولغا قويغان «بالا ۋاقتىدا ئامېرىكىغا كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇۋەتمەسلىك» پىلانىنى بىكار قىلدى. پارلامېنتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان سىياسەتنى تېپىشىغا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈلۈپ بىكار قىلىنىدۇ. «بالا ۋاقتىدا ئامېرىكىغا كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇۋەتمەسلىك » پىلانىنى 2012–يىلى شۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئىمزا قويۇپ يولغا قويغان. بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەن ئۆسمۈر قانۇنسىز كۆچمەنلەر قايتۇرۇۋېتىلمەيدىغان ھەمدە قانۇنلۇق خىزمەتكە ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ، بۇ بىر قىسىم كىشىلەر «ئارزۇ قوغلاشقۇچىلار» دەپ ئاتالغان، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تەخمىنەن 800 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، كۆپ قىسمى مېكسىكا ۋە باشقا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى