باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللەردىكى تاراتقۇلار ۋە تورداشلار: شيامېن ئۇچرىشىشى-ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق تارىخىدىكى نامايەندە

2017.09.07 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق جۇڭگو شيامىن ئۇچرىشىشى تۈنۈگۈن باشلاندى. جۇڭگونىڭ 2017-يىلدىكى ئاساسلىق دىپلوماتىيەسىدىكى بىر كاتتا ئىش بولۇش سۈپىتى بىلەن، شيامىن ئالتۇن كسىەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى چەتئەللەردىكى تاراتقۇلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاپلا قالماستىن، يەنە چەتئەللەدىكى تورداشلارنىڭمۇ قىزغىن مۇنازىرسىنى قوزغىدى.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان رۇسىيە گېزىتى يېقىندا ئوبزورچە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى مېخانىزمى قۇرۇلغان ئون يىلدا تەدرىجىي يەر شارى تەرەققىياتىنىڭ قېلىپىغا ئايلاندى. جۇڭگو بۇ يىللىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ مېخانىزمغا يەنە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، شيامىندىكى ئۇچرىشىش ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىق تەر مېخانىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى يېڭى نامايەندىگە ئايلىنىدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقىدا چىقىدىغان مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشىش بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، رۇسىيە، بىرزلىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ياشلار جۇڭگودا ئوقۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى تاپىدۇ.

  ھىندىستاندا چىقىدىغان ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى بەش دۆلەتتىن ھالقىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرىگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر مۇنبىرى بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  مىسىردا چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا مۇنداق دېيىلدى: شيامىن ئالتۇن كېسەل دۆلەتلەر ئۇچرىشىشى ئۈمىدكە تولدى، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى جۇڭگوغا بېرىپ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا قاتنىشىدۇ.

  تاراتقۇلار ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئۇچرىشىشىغا ئەھمەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تورداشلارمۇ بەس بەستە ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، شيامىننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تەسۋىرلىگەندىن سىرت، يەنە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ۋە جۇڭگونىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى ماختىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر