باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو كارخانىلىرى «ئالتۇن كېسەك +» ئەندىزىسىنىڭ جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشىنى كۈتمەكتە

2017.09.07 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى شىيامىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىگە قاتناشقان سىدا دەۋر گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى پاڭ شىنشىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئالغا بېسشتەك تەرەققىيات ئېڭىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بەش ئالتۇن كېسەك دۆلىتىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مېخانىزمنى شەكىللەندۈرىدۇ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى شيامېن ئۇچرىشىشىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا-«ئالتۇن كېسەك قوشۇلمىسى» ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مىسىر، گىنىيە، مېكسىكا، تاجىكىستان، تايلاند قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆزلىشىشىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى پىلانىنى بىرلىكتە كېڭىشىشتىن ئىبارەت.

  سىدا دەۋر گۇرۇھى ئۇزاقتىن بۇيان ئافرىقا بازىرىدا كېڭىيىۋاتقان جۇڭگو كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى مېخانىزمىنىڭ جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرىگە دىققەت قىلماقتا. پاڭ شىنشىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىقى ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر