باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىدا «يىنچۈەن خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى

2017.09.08 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى يەرمەنكىسىدىكى مۇھىم پائالىيەت بولغان 2017-يىللىق جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنى 6-سېنتەبىر يىنچۈەندە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان «يىنچۈەن خىتابنامىسى»دا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادتا بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئۇل ئەسلىھە، سان-سىفىرنى راۋانلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق بىرقانچە جەھەتتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  «يىنچۈەن خىتابنامىسى»دا مۇنداق دەپ تەكلىپ بېرىلدى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى سانائەت كارخانىلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەرەب ئەللىرىنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. سانائەت باغچە رايونىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، تۈر تونۇشتۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە مەدىتى، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر