باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قوش ھەپتىلىك سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2017.09.08 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 7-سېنتەبىر بېيجىڭدا 73-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا باھا سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش»نى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر تەكلىپلەرنى بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز پەن-تېخنىكىنى باھالاش جەھەتتە پائال ئىزلەندى، نۇرغۇن ئاجايىپ ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ئەمما يەنە بىر قىسىم گەۋدىلىك مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. ئالايلوق، ئىلمىي ماقالە سانى ۋە ژۇرنال دەرىجىسىگە زىيادە دىققەت قىلىپ، خىزمەتتىكى ئەمەلىي قىممىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تۆھپىسىگە سەل قاراش، ئىلمىي ئۇنۋان، خىراجەتنى ھەددىن ئارتۇق تەكىتلەش، ئىختىساسلىقلار نامىنى زىيادە قوغلىشىش، پەن-تېخنىكا باھاسى بىلەن ئىش ئورنى مائاشى قاتارلىق ماددىيلاشقان تەمىناتنى بىۋاسىتە زىيادە باغلاش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ، نامۇۋاپىق كىرىم پەرقى چوڭايدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىششى كۆپ، ئىلمىي تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولى كىچىك بولۇپ، باھانىڭ ئادىللىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا، بۇ مەسىلىلەرنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك.

  ئەزالار يەنە سانائەت پەنلىرى ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى، سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتلىرى، مەكتەپلىرىنى تەبىئىي پەنلەشتۈرۈشنى ھەل قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا مۇكاپاتلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر تەكلىپلەرنى بەردى. يۈ جېڭشېڭ پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر