باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن خۇشخەۋەر ئۈزۈلمىدى

2017.09.08 15:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەپمە بوكس ماھىرىمىز تيەن جيەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى

  9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ‹‹بەخت – ئامەت›› قوشلاپ كەلگەن بىر كۈن بولدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تەپمە بوكس مۇسابىقىسىدە ياش ماھىرىمىز تيەن جيەن ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن يەنە بىر قىممەتلىك ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى؛ شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 73 تە 62 نومۇر بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

  تەپمە بوكس ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى بىر نەچچە نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىزچىل ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىۋاتقان تۈر بولسىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە شىنجاڭلىق تەپمە بوكس ماھىرلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندىكى مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمىگەنىدى. بولۇپمۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنىڭ چېمپىيونى، ئاياللارنىڭ 49 كىلوگىرامدىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشىدىغان داڭلىق ماھىرىمىز لى جاۋيىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىپ كېتىشى شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن، تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقسىگە قاتناشقان ياش ماھىرىمىز تيەن جيەننىڭ ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى. ئۇ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ماھىرى خۇ ياشىن، خۇبېي ماھىرى جاۋ مىڭمىڭ، ئىچكى موڭغۇل ماھىرى سۈن خۇڭيىنى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە لياۋنىڭ ماھىرى ياڭ يىنى 20 دە 5 مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىمۇ 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتقاندىن كېيىن، 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماي، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك، دەپ قارىلىۋاتقان گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلار قىلچە بېسىم ھېس قىلماي، ئەركىن – ئازادە كەيپىياتتا مۇسابىقە ئوينىغاچقا، تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار 3 نومۇرلۇق توپنى خۇددى ‹‹يامغۇردەك ياغدۇرۇپ››، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇش يولىنى توستى. شىنجاڭ كوماندىسى پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدا 3 نومۇرلۇق توپتىن 11نى كىرگۈزدى. بولۇپمۇ ياش ماھىرىمىز ئابدۇسالام ئابدۇرېشىتنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، 25 نومۇر ئالدى. شىنجاڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان كونا رەقىبى لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، ئالتۇن مېدالنى تالىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا كوللېكتىپ توپ تۈرلىرىدە ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر