باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى «بىر بەلباغ بىر يول» ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

2017.09.08 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھەمكارلىق قېلىپىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن باش تېمىدىكى 2017-يىللىق جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنى 6-سېنتەبىر نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە ئېچىلدى. ئىيوردانىيە، ماراكەش قاتارلىق 31 دۆلەت، رايوندىن كەلگەن سودا جەمئىيەتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ 700 كىشى جەم بولۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى كارخانىلار ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھە، يېڭى يوللىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلدى.

  جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ زېڭۋېي مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئەرەب ئەللىرىنىڭ سودا جەمئىيەتلىرى، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا ئىشلىرى قانۇن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  مىسىرنىڭ سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى تارلىق قابىل مۇنداق دېدى: مىسىر سۈۋەيىش ئىقتىساد كارىدورىنى قۇردى، ئۈچ پورت ۋە نۇرغۇن تاشيوللارنى ياسىدى، بۇلارنى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  يىغىننىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى 17 ئاپپارات 12 كېلىشىم ۋە ئەسلەتمە، تۆت كارخانىلار ئارا تۈر ئىمزالىدى. مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى يورۇقلۇق ۋولت زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە سانائىتى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سېتىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر