باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش باش تېما قىلىنغان بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2017.09.08 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسى تۇغبېشى كەنتىدە «جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بىرلەشمە دوستلۇق پائاليىتى قانات يايدۇرۇلدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تامتوغراق يېزىسى تۇغبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئاۋات ناھىيەلىك شەھەر-يېزا كىنو قۇيۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇردى.

  بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە كەنت ئاممىسى ئۆزلىرى تەييارلىغان يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىلدى ھەم ئارغامچا تارتىشىش، ئورۇندۇق تالىشىش قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر