باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇدان جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگراسىنى تاقىدى

2017.09.08 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇدان ھۆكۈمىتى 6-سېنتەبىر، جەنۇبىي سۇدان، چاد ۋە لىۋىيە بىلەن بولغان چېگراسىنى تاقىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن مەقسەت، يۇقىرىقى چېگرا رايونلاردا ئەۋج ئىلىۋاتقان قورال ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  سۇداننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ھۇسەيبۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، تۆت چاقلىق تەخمىنەن 60 مىڭ ئاپتوموبىل لىۋىيە، چاد ۋە جەنۇبىي سۇداندىن ئەتكەس قىلىنىپ سۇدان تەۋەسىگە ئىلىپ كېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاپتوموبىللار قىرغىن قىلىش، پۇل يۇيۇش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىلدى.

  ھۇسەيبۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى يېقىندا سۇدانغا تەكلىپ بېرىپ، توردا يۇقىرىقى جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ ئەتكەس قىلىنغان ئاپتوموبىلارنى تىزىملاشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر