رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋاڭ ياڭ بىلەن كۆرۈشتى
2017.09.08 15:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
6-سېنتەبىر ۋىلادىۋىستوكدا 3-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ بىلەن كۆرۈشتى.
پۇتىن، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ شيامىن ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن شيامىندا مول مەزمۇنلۇق سۆھبەتلەشتىم. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان بىر قاتار ئورتاق تونۇشلارنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەمەلى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئەمەلى نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر