باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 82-نۆۋەتلىك سالونىكا خەلقئارا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.09.11 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 82-نۆۋەتلىك سالونىكا خەلقئارا كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە جۇڭگو سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو 1998-يىلى سالونىكا خەلقئارا كۆرگەزمىسى تارىخىدىكى تۇنجى ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى سالاھىيىتى بىلەن كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ئۈچۈن يېڭى كۆۋرۈك سالدى. بۇ كۆرگەزمىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، جۇڭگو-ياۋروپا ئالاقىسى ۋە جۇڭگو-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. 19 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-گىرېتسىيە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى ئالاقە، ھەمكارلىقتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پىرائېئۇس پورتى تۈرىدە مول نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ 82-نۆۋەتلىك سالونىكا خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر