باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2017.09.08 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، بۇ «نىزام» 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  دىن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. 2005-يىلى يولغا قويۇلغان «نىزام» پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى بىلەن، دىن ساھەسىدە بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر بولدى.

  «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، دۆلىتىمىز دىن خىزمىتى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «نىزام»دا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ دىن ساھەسى جامائەت پاراۋانلىقى خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە يولغا قويسا بولىدۇ؛ دىنىي خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بار؛ دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئالاقىدار مال-مۈلۈكتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار، دەپ بەلگىلەنگەن.

  «نىزام»دا دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىن ئىشلىرى تارماقلىرى دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار، ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك؛ ھەرقايسى دىنلار ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ؛ ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئوخشاش بولمىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدا، شۇ دىننىڭ ئۆزىدە شۇنىڭدەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىشىغا بولمايدۇ.

  «نىزام»دا دىن ئىشلىرىنى يەنىمۇ باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، «قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش» پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دىنىي مال-مۈلۈكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئالاقە تورىدىكى دىنىي ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «نىزام»دا يەنە ئالاقىدار قانۇنىي جاۋابكارلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر