باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 نەچچە مىليون ئادەم نەپكە ئېرىشتى

مېيىپلارغا بېرىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ياردەم پۇلى تۈزۈمىنىڭ ھەممە جاينى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2017.09.11 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر مېيىپلارنى پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئائىت ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى تۈرلۈك ياردەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ ھەممە جاينى قاپلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  2017- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن باشقا جايلاردا، ياردەم بېرىشكە ئىشتىلىدىغان پۇللارنىڭ ناھىيە (رايون)لارنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر مېيىپلارنى پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى تۈزۈمىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان مېيىپلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىليون 310 مىڭ ئادەمگە ۋە 10 مىليون 730 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، 2016- يىلى 11- ئايدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %22.6 ۋە %23.9 ئاشتى؛ تارقىتىلغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە ۋە 12 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر