- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندىستانلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئوغۇل بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسى پاش قىلىندى
غەزەپلەنگەن ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى
2017.09.11 16:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر خەلقئارا مەكتەپتە 8-سېنتەبىر سەھەردە بىر قېتىملىق قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىپ، يەتتە ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلدى. ساقچى تەرەپ شۇ كۈنىلا بۇنىڭ بىر قېتىملىق باسقۇنچىلىق قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى ھەمدە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى. غەزەپلەنگەن ئاتا-ئانىلار ئۇدا ئىككى كۈن ئېتىراز بىلدۈرۈپ، مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى. ساقچى تەرەپ نەچچە يۈز ساقچى چىقىرىپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش تەرتىپىنى ساقلىدى.
دىلو گۇرگەۋن شەھەرلىك رۈيئەن خەلقئارا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوغۇل بالا ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. 8- سېنتەبىر ئەتىگەندە، بىرسى بۇ ئوغۇل بالىنىڭ مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسى سىرتىدا لەختە قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بالا دوختۇرخانىغا جىددى ئاپىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
9-سېنتەبىر، گۇرگەۋن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىمرانجىت سىنگ دېلونىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ساقچىلار 8- سېنتەبىر كەچتە جىنايەت گۇماندارى، ئوقۇلبۇس خىزمەتچىسى ئاشاكنى قولغا ئالدى. سىنگى: ئاشاك سوراق قىلىنغاندا، ئۇ ئوغۇل بالىغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئوغۇل بالا كۈچىنىڭ بارىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ، سىگنال قوڭغۇرىقىنى بېسىپ قۇتقۇزۇشقا ئادەم چاقىرماقچى بولغانلىقىنى، ئاشاك جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بالىنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر