باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتۇن كېسەك ئەللىرى مۇھاكىمە يىغىنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئىجابىي كۈچ قوشتى

2017.09.11 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك ئەللىرى مۇھاكىمە يىغىنى 8-سېنتەبىر بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئېگمونت سارىيىدا ئېچىلدى، ئالتۇن كېسەك بەش دۆلىتىنىڭ بېلگىيەدىكى ئەلچىلىرى، ئالىملار ۋە بېلگىيە ئەمەلدارلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ دۇنيادا ئويناۋاتقان رولىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى ھەم ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قانداق كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگونىڭ بېلگىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەم باشقا تۆت ئالتۇن كېسەك دۆلىتىنىڭ بېلگىيەدىكى ئەلچىخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، بېلگىيە خانلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسى بىريۇسسېل جۇڭگو-ياۋروپا تەتقىقات يۇرتى، گوللاند تىلىدىكى بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو، بىرازىلىيە، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستاننىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسىي، سودا ساھەسىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئادەم مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىسى چۈشىڭ مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك ئەللىرى مول نەتىجىلىك ئون يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە بىر-بىرى بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقى ئارقىلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، مۇھىم خەلقئارالىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ غايەت زور زەربىسى ئالدىدا، ئالتۇن كېسەك ئەللىرى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى %179 ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئۈلۈشىنى %12 تىن %23 كە يەتكۈزدى.

  بىرازىلىيەنىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىسى گېرىرو ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلدى، ئالتۇن كېسەك ئەللىرى يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشتى دېدى. رۇسىيەنىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىسى توكۋىنىن ئالتۇن كېسەك ئەللىرى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە تىرىشسا بولىدۇ دېدى. ھىندىستاننىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىسى كۇمار بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى شيامېن ئۇچرىشىشىدا ماقۇللانغان «ئالتۇن كېسەك ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن خىتابنامىسى»-ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ ئورتاق ۋەدىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، كۆپچىلىك ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ كەلگۈسى ھەم بەش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىدىن زور ئىشەنچكە تولدى دېدى. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىسى سانچۇ شيامېن ئۇچرىشىشىدا بىر يۈرۈش مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت ئالتۇن كېسەك روھى-دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.

  شيامېن ئۇچرىشىشى بېلگىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئەمەلدار، ئالىملىرىنىڭمۇ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بېلگىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىككى تەرەپلىك ئىشلار باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئاننىك كارسىت مۇنداق دېدى: بىر نەچچە كۈن بۇرۇن جۇڭگونىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن كېسەك ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى، بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ بەردى. ئالتۇن كېسەك ئەللىرى ئۈچ مىليارد نوپۇسقا ئىگە، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يەر شارىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ بۇنداق سالمىقى ۋە سىغىمىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ قېتىمقى ئالتۇن كېسەك ئۇچرىشىشى شۈبھىسىزكى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد تەرتىپىگە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  شيامېن ئۇچرىشىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئالتۇن كېسەك قوشۇلغان» ھەمكارلىق قېلىپى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. كارىل ۋېست مۇنداق دەپ قارىدى: شيامېن ئۇچرىشىشىدا ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئېچىۋېتىش ئىدىيەسى نامايەن قىلىندى، ئۇچرىشىشقا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى تەكلىپ قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە باشقا دۆلەتلەرمۇ تەكلىپ قىلىندى. «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن خىتابنامىسى»دا كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكىتلەندى، خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق تىنچلىقنى، مۇقىملىقىنى ۋە تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەشەببۇس قىلىندى. بېلگىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئىدىيەلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىپ، تېخىمۇ بىخەتەر، پاكىز ۋە بەختىيار بولغان دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يىغىنغا قاتناشقان ئالىملار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلغۇچىلار، ئۇلارنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىدىيەسى بۈگۈنكى دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم قىممەتكە ئىگە. ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى «ئالتۇن كېسەك روھى» ئاساسىدا قۇرۇلغان، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ، دۇنيانىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتى جۇڭگو دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ۋېي لىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى بەش دۆلەت كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتكەن، بۇنىڭغا بازىرى گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەتتا پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. ئۆتكەن ئون يىلدا ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، يەرشارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى پايدىلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى، كەلگۈسى ئون يىلدا ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى تېخىمۇ تەكشى، ئومۇميۈزلۈك پايدا يەتكۈزىدىغان تەرتىپكە سېلىش قېلىپى ۋە قائىدىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر