باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تاكى «ساد» سىستېمىسىنى كورېيەدىن چېكىندۈرۈپ چىققان كۈنگە قەدەر كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىمىز

2017.09.11 10:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-سېنتەبىر قالغان 4 ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ماشىنىسى ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن 40 نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى پۈتۈنلەي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولدى. ئەمما كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلمىشى ھەربىي بازا ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنى غەزەپلەندۈرۈپلا قالماستىن، كورېيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى پىروگراممىنىڭ يوللۇقلۇقىغا پىسەنت قىلماي، خەلق ئاممىسى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىنى چۆرۈپ تاشلىدى، دەپ تەنقىد قىلدى.

  29-ئىيۇل كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جەئىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ماشىنىسىدىن يەنە تۆتنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، كورېيە چوڭ سايلىمى مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇن جەئىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى يەنە پىروگراممىنىڭ يوللۇقلۇقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن، ھەمدە خەلق ئاممىسى قوشۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ھازىر، كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنامىنى بۇزدى. كورېيەدە بۇنى تەنقىد قىلىش ساداسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

  كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6سېنتەبىر ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ماشىنىسىدىن 4 نى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسى 7-سېنتەبىر سەھەردە گيۇڭگىدونىڭ ۋۇشەن ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىكى 4 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ماشىنىسى قاتارلىق جابدۇقلارنى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق سىڭجۇغا ئاپاردى. «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچى ئامما ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزالىرى قاتارلىق 400 دىن ئارتۇق كىشى يولنى ئېتىۋېلىپ توسقۇنلۇق قىلدى، ئەمما ساقچىلار ئۇلارنى مەجبۇرى تارقىتىۋەتتى، ئون نەچچە كىشى يارىدار بولدى، ئىككى كىشىنى ساقچىلار ئېلىپ كەتتى.

  7-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، كورېيە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ زۇڭلىسى ئىناك يېن سېئۇلدىكى ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىدا، دۆلەت مەمۇرىيىتى ھەل بولمىغان دېلولارنى تەكشۈرۈش تەڭشەش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا ئۇ، «ساد» سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن ھەم ساقلانغىلى بولمايدىغان تاللاش، دېدى. «ساد» سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچى ئاممىغا نىسبەتەن، ئۇلارنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەمما ئۇلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كورېيە جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كېچىدە 8 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى چىقىرىپ، ئاممىنى قوغلاپ تارقىتىپ، «ساد»سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەجبۇرى يولغا قويدى. يەنە بىر تەرەپتىن، زۇڭتۇڭ مۇن جەئىننىڭ گېپىدە تۇرمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىلگىرى مون جېيىن «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ماشىنىسىدىن 4نى دوكلات قىلىشنى يوشۇرۇپ، ئۇنى كورېيەگە مەخپىي ئېلىپ كىرگەنلىك ئىشىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ھەمدە ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بازىنىڭ ئادەتتىكى مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەمدە پىروگراممىنىڭ يوللۇقلۇقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە قالغان بۇ 4 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ماشىنىسى كۆپلىگەن ئاممىنىڭ قارشى تۇرۇش ساداسى ئاستىدا يەنىلا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  كورېيەدە بەزىلەر، مۇن جەئىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇش مەزگىلىدە، ساد سىستېمىسىنى زەربىدارلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولۇۋاتامدۇ، دەپ گۇمانلاندى. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئىلگىرى خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى قانداقمۇ خەلقنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، «ساد» سىستېمىسىنى كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، دېگەن ئىدى. ئەمما ھازىر بولسا، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ساقچى چىقىرىپ، ساد سىستېمىسنى مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە بۇ جەرياندا ئاممىنى يارىلاندۇردى. ساد سىستېمىسىنى مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ مەھكىىسى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىپ، مەيدانىنى بىلدۈرمىدى.

  7-سېنتەبىر، ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچى 6 ئەل ئىچى تەشكىلاتى سىنجۇدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇن جەئىن ھۆكۈمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن، ئەمما ئۇ خەلق ئاممىسىدىن يۈز ئۆرىدى، دەپ تەنقىدلىدى. ئۇلار يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كورېيە ھۆكۈمىتى پىروگرامما، دېموكراتىيەنىڭ يوللۇقلۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ھەمدە پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ۋەدىسىنىمۇ چۆرۈپ تاشلىدى. مۇن جەئىن ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشى بىلەن پاك گۈنھې ھۆكۈمىتىنىڭ پەرقى يوق. بىزنىڭ تاللاش يولىمىز يوق. ئەمما بىز تاكى «ساد» سىستېمىسىنى كورېيەدىن چېكىندۈرۈپ چىققان كۈنگە قەدەر كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر