باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېزىلىرىدا 23 مىڭ 204 كىلومېتىر تاشيول كۆپەيتىلىپ، بۇ يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تاماملانغان

2017.09.11 09:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭ يېزىلىرىدا 23 مىڭ 204 كىلومېتىر تاشيول كۆپەيتىلىپ، بۇ يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تاماملانغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلغان.

  12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇدا بەش يىل يېزا تاشيوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى نىشاندىن ئاشۇرۇپ تاماملىدى، يېزا تاشيوللىرى قۇرۇلۇشىغا 21 مىليارد 814 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، يېڭىدىن ياسىغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسىغان يولنىڭ مۇساپىسى 38 مىڭ 29 كىلومېتىرغا يەتتى.

  كېيىنكى باسقۇچتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يېزا تاشيوللىرىنى داۋاملىق ياساپ، تىرانسپورتنى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سېمونت يوللارنى دېھقان، چارۋىچى، چېگرادىكى ئاممىنىڭ ئىشىكىگىچە ياسايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر