باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى:

كۈچنى ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئومۇمىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.09.25 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېما قۇرۇلۇشى. شۇڭا مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق پەن، سىستېمىلىق تەپەككۇر، سىستېمىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. بۇنىڭدا ھەم يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ھەم ھازىرقىنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئۇزاق كەلگۈسىنى ياخشى پىلانلاش كېرەك. ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى، بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئومۇمىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەندىزىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا « <13-بەش يىل>دىكى دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى تەرەققىياتى يىرىك پىلانى»، «دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتىدە ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، « <13-بەش يىل> دا ھەربىي ئىشلار ئارقا سەپ تەمىناتىدا ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە دۆلەت مۇداپىئەسى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاراپ چىقىلىپ ۋە ماقۇللىنىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: مەركەز ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، يىغىننىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەر چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. « <13-بەش يىل> دا پەن-تېخنىكا بويىچە ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى مەخسۇس يىرىك پىلانى» ھەم خەلق مۇداپىئەسى، ئۇرۇش، خەلق ئىگىلىكى سەپەرۋەرلىكى قاتارلىق مەخسۇس يىرىك پىلانلار ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، 20 ئۆلكە ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. تۇنجى تۈركۈمدە 41 ھەربىي سانائەت پەن-تەتقىقات ئورنى ئىسلاھ قىلىنىپ، ھاۋا تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ھەربىي بۇيۇملارنىڭ باھاسىنى كېڭىشىپ بېكىتىش قائىدىسى، قورال-جابدۇقلارنى سېتىۋېلىش تۈزۈمى قاتارلىق ئىسلاھات لايىھەلىرى چوڭقۇر دەلىللىنىپ، قورال-جابدۇقلارنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن ھەم قورال-جابدۇقلارنى ياساشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەملىكەت مىقياسىدا ئارمىيە بىلەن خەلق چوڭ تىپتىكى دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تەتقىقات ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، پاي ھوقۇقىنى ۋاسىتە قىلغان ئارمىيە بىلەن خەلق تەڭ پايدىلىنىدىغان تېخنىكا ئىتتىپاقىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۈرۈشلۈك يادرولۇق ھەربىي مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەم ئىجازەت بېرىش توغرىسىدىكى ئۈچ تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر