باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توققۇزتارادا يەر پاي ھەمكارلىق كوپېراتىپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

2017.09.25 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، توققۇزتارا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا يەر پاي ھەمكارلىق كوپېراتىپىدىن ئىبارەت يېڭىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، 200 مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى تۇتاش ئېتىزلارنىڭ قىرىنى قايتا ئېلىپ، بىر تۇتاش تېرىپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، بىر تۇتاش سېتىپ، ھەر بىر مو ئېتىزغا ھەمكارلىق كوپېراتىپى نامىدىن بىر قېتىمدىلا 50 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىپ باشقۇرۇپ يۈرۈشتۈردى ھەم كوپېراتىپقا ئەزا بولغان دېھقانلارغا ھەر يىلى ھەر موسىغا 50 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىشنى يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ناھىيە بويىچە يەر ئوبۇرۇت ئومۇمىي كۆلىمى 95 مىڭ 231.4 موغا يېتىپ، يەر پاي ھەمكارلىقىغا قوشۇلغان يەر 8034 موغا يەتتى. يەر پاي ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا ئەزا بولغانلار 354 ئائىلىگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى يەنىمۇ كېڭەيدى.

  توققۇزتارا ناھىيەسى تاشتۆپە يېزىسى باقباي كەنتى بۇلتۇر باشلامچىلىق بىلەن ناھىيە مىقياسىدا ئەڭ ئالدى بىلەن يەر پاي ھەمكارلىق كوپېراتىپى ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى باشلامچى بولۇپ يېزىدىن 2500 مو يەرنى كوپېراتىپنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش، كېلىشىپ تېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل كوپىراتىپ 500 مو يەرگە زاكاز كۆك پۇرچاقنى سىناق قىلىپ تېرىدى، نۆۋەتتە كۆك پۇرچاق پىشتى، مول ھوسۇل ئېلىشقا ئۈمىد بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر