- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئايال __ ئوروليا گۇرۇھىنىڭ چوڭ پايچىكى بېدانگو 94 يېشىدا ۋاپات بولدى
2017.09.25 15:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: داڭلىق گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى، ئوروليا گۇرۇھىنىڭ ئايال ۋارىسى ۋە دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئايال لىلىئانا بېدانگو 21- چېسلا كەچتە ۋاپات بولدى. ئۇ 94 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىردىنبىر قىزى مېيېر شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: لىلىئانا بېدانگو 20- چېسلا ئاخشام ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى، ئانام ناھايىتى خاتىرجەم ماڭدى.
بىدانگو بولسا، ئوروليا گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق پايچىكى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى دۇنيا بويىچە 14- ئەڭ چوڭ باي كىشى ھېسابلىناتتى. ئامېرىكىنىڭ «فوربىس» دېگەن مالىيە-ئىقتىساد ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىل 3- ئايدا مۆلچەرلىشىچە، بېدانگونىڭ ئائىلە مال-مۈلكى 39 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، ھەمدە ئۇدا ئىككى يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي ئايال بولۇپ باھالانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر