خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىلىق شىپاخانىدا دوختۇرلار دېھقان خالىق ساۋۇت ئائىلىسىدىكىلەرگە كىچىك دورا ساندۇقىنى تونۇشتۇرماقتا. بۇلتۇر 10-ئايدا، شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى. مۇشۇ ئاساستا، ئاقسۇ شەھىرىدە بۇ يىل 4-ئايدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ھەمدە داۋالاش ئىسلاھاتى سىياسىتىنىڭ «ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش، مەركىزىي نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش» پىرىنسىپىغا بىرلەشتۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تۈزۈپ چىقتى، كىچىك دورا ساندۇقى تارقىتىش مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى قىلىندى. ھازىرغا قەدەر، ئاقسۇ شەھىرى يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن ھەر بىرى تەخمىنەن 100 يۈەن قىممىتىدىكى 40 مىڭغا يېقىن كىچىك دورا ساندۇقى تارقاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارمۇ كىچىك دورا ساندۇقى تارقىتىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشقا باشلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى