باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بايلىق-مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش-سىگنال بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى تارقاتتى

2017.09.21 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «بايلىق-مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش-سىگنال بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «بايلىق-مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش-سىگنال بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق-مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش-سىگنال بېرىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دائىمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنىڭ بايلىق-مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى چەكلەپ تۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى پىكىر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى بىلەن ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيەنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ ۋە بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا ئورنىتىپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونى ئىستراتېگىيەسى بىلەن تۈزۈمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ۋاسىتىسى تولۇق بولغان، سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، دەل ۋاقتىدا بولىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، باشقۇرۇش-تىزگىنلىشى كۈچلۈك بولغان، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىدىغان بايلىق-مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش-سىگنال بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ماكاندىكى ئېچىش تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، ماكاندىكى ئېچىش سىجىللىقىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، تۈرلۈك ئېچىش ھەرىكەتلىرىنى بايلىق-مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى دائىرىسىدە ھەقىقىي چەكلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۆلەت زېمىنىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر