باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 16 ياشقا توشمىغانلار كىملىك بېجىرگەندە، چوقۇم ئاۋۋال مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈشى لازىم

2017.09.21 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغان، يېشى 16گە توشمىغان پۇقرالار چوقۇم ۋەسىيسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاۋۋال نوپۇسى تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈتۈپ، بەلگىلىمە بويىچە دائىملىق نوپۇس ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا سۈرەت ئۇچۇرىنى قوشۇشى لازىم.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يېشى 16گە توشمىغان پۇقرالار ئىختىيارىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە كىملىك بېجىرسە بولىدۇ، كىملىكنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى كىملىك بېجىرىش چوڭ ئەترىتى خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېشى 16 ياشقا توشمىغان پۇقرالارنىڭ ۋەسىيسى كىملىك ئېلىشنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدىكەن. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، تۇنجى قېتىم كىنىشكا بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم ۋەسىيسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاۋۋال نوپۇسى تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ئېنىقلىتىدىكەن، رايون ساقچىسى «ئاھالىلەر كىملىكىنى بېجىرىش بويىچە سۈرەت سېلىشتۇرۇش جەدىۋىلى»نى تولدۇرۇپ، مەھەللە كادىرى ئىمزا قويۇپ تامغا بېسىپ، بەلگىلىمە بويىچە دائىملىق نوپۇس ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا سۈرەت ئۇچۇرلىرىنى قوشقاندىن كېيىن، كىملىك بېجىرىشكە بولىدىكەن.

  شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە قاراشلىق ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىك شۆبە ئىدارىلىرى، ساقچىخانىلار پۇقرالار «كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى»نى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە كىملىكنى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر