باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەنزىرىسى گۈزەل پاقىلىق، ئادەملىرى بولدى «ئاق ياقىلىق»

2017.09.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز توختى ئەرشىدىن، ئالتۇنگۈل ھاشىم خەۋىرى)

  - تۇرسۇنگۈل، كاۋاپ پىشىپ قالدى، لېگەن-تەخسىلەرنى تېزرەك تەييار قىل، مېھمانلار ساقلاپ قالىدۇ، - دېدى ئەركىن ياسىن يۈز-كۆزلىرى قىزارغان ھالدا مەززىلىك پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغان كاۋاپنى ئۆرۈۋېتىپ.

  - ھە، مانا ھازىر، مەنمۇ شۇنىڭ كويىدا، ئاۋۇ كىگىز ئۆيدىكى مېھمانلارغا قوغۇن-تاۋۇز ئەكىرىپ بېرىپ چىقىشىم.

  - بۈگۈن مېھمانلار كۆپ، بەك يېتىشەلمىسەڭ قوشنىىلارنى ياردەمگە چاقىرامدۇق-يا، مېھمانلارنى ئوبدان كۈتمىسەك بولمايدۇ.

  - مەيلى ئەمىسە، ھازىرلا توۋلاي.

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار باشقۇرۇش رايونى پاقىلىق كەنتىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا 7-ئاي ساياھەتنىڭ ئەڭ قىزىيدىغان مەزگىلى. ئەركىن ياسىن ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇ ساياھەت رايونىدا ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

  7-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشكە يېقىن، ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ مۇخبىرلىق مەركىزىدىكى 10 نەچچەيلەن ئارام ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، پاقىلىق ساياھەت رايونىغا كەلگىنىمىزدە، ئەركىن ياسىن ئائىلىسىنىڭ چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى بەكمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىزنىڭ تەلىپىمىز بۇيىچە بىر پاقلاننى سويۇپ، يېرىمىنى زىخلىق كاۋاپ قىلدى، يېرىمىنى قازانغا سالدى.

  ئەركىن ياسىن مۇنداق دېدى: بۈگۈن خېرىدارلار خېلى كۆپ، ئەتىگەن تەرەپتە ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن 20 نەچچە كىشىلىك ساياھەت ئۆمىكىدىكىلەرگە بىر قوينى سويۇپ گۆشىنى پىشۇرۇپ ھەم كاۋاپ قىلىپ بەرگەنتىم، ئاۋۇ كىگىز ئۆيدىكىلەر تېخى بايىلا كېلىپ ئورۇنلاشتى. ياز كىرىشى بىلەنلا بۇ يەر مۇشۇنداق ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ، ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000-6000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمىز.

  ئەركىن ياسىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىلگىرى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، پاقىلىق كەنتىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى يېڭى يەر دېگەن جايغا قۇرۇلغان چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا 10 مو ياڭاقلىق باغ قىلغان بولسىمۇ، تېخى تولۇق مېۋىگە كىرمىگەچكە، ئائىلىسىدىكى تۆت جاننىڭ كىرىمىنىڭ تايىنى يوق، سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن ئىكەن. 2015-يىلى يازدا پاقىلىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئەترىتىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى بۇ يايلاققا ئېلىپ چىقىپ، 5000 يۈەنگە بىر كىگىز ئۆي تىكىپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. مۇلازىمىتى ياخشى بولغاچقا، بىر نەچچە ئايدىلا خېلى ئوبدان پۇل تاپقان. ساياھەتچىلەر تەدرىجىي كۆپەيگەچكە، بىر كىگىز ئۆي ئېھتىياجنى قاندۇرالماي، 2016-يىلى كىگىز ئۆيدىن يەنە ئىككىنى كۆپەيتكەن. ھازىر ئەركىن ياسىن ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچ كىگىز ئۆي بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، خېلى ئوبدان پۇل تېپىۋېتىپتۇ.

  تەڭرىتاغ تىزمىلىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر تومۇر چوققىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان پاقىلىق كەنتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار باشقۇرۇش رايونى (ئىلگىرى تاغلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى دەپ ئاتىلاتتى) تەۋەسىدىكى تەبىئىي كەنت بولۇپ، كۆككە بوي سوزغان ياپ-يېشىل تاغلىرى، تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۈپسۈزۈك سۇلىرى، كۆكتە لەرزان ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلىرى، شۇنداقلا ئاقسۇ شەھىرىگە يېقىن، قاتنىشى قولايلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن ياز ئايلىرىدا يىراق-يېقىندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئارامگاھى ھېسابلىنىدۇ. پاقىلىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئەترىتى بۇ جايىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، چارۋىچىلارنى ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغاچقا، چارۋىچىلار شادلىقى ئائىلە ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۈنسېرى كۆپىيىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئائىلە كىرىمىنى يىلمۇ يىل ئاشۇردى. ھازىر ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمى ئائىلە كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ قالدى.

  ئەركىن ياسىننىڭ چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ يېنىدا مەمەت ساۋۇر ئىسىملىك يەنە بىر چارۋىچىنىڭ ئارامگاھى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىجارىتىمۇ شۇ كۈنى بەك ياخشى بولدى. ئۇلار ساياھەت ئۆمىكى ئەكەلگەن ئىككى ئاپتوبۇستىكى مېھمانلارنى ئوبدان كۈتۈۋالدى. ساياھەت شىركىتى بۇرۇنلا زاكاز قىلغاچقا، مېھمانلار كەلگۈچە ئىككى قوينى سويۇپ تەق قىلدى، مېھمانلار چۈشتە ئوخشىغان پولۇ بىلەن كاۋاپنى يەپ، ئاندىن سىرتتا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئاچتى.

  ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى بەك ساپ، چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھىدىكىلەرنىڭ مۇلازىمىتىمۇ ياخشى، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يىراق ئەمەسكەن، شۇڭا بۇ يەر ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمىز بىلەن تۇمۇز ئىسسىقتا سالقىنداپ كۆڭۈل ئېچىشقا باب كېلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سەيلىگاھ ئىكەن.

  مەمەت ساۋۇر مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئىككى قوي سويۇپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈپ، 2000 يۈەنلىك سودا قىپتىمىز، چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى ئېچىپ كۈنلىرىمىز ياخشى بولۇپ قالدى. ھازىر ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ يەرگە ئۈزۈلدۈرمەي مەبلەغ سېلىپ، پاقىلىق ساياھەت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاۋاتىدۇ، بۇ يەرنىڭ شارائىتى ياخشىلانسا، كۈنلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشىگە ئىشەنچىمىز كامىل.

  تاغقا چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى شەھەردە يوق، تاغقا خاس نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى خالايدۇ. ئات، ئېشەككە مىنىش شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى. شۇ كۈنى بىز پاقىلىق ساياھەت رايونىدا ساياھەتچىلەرنى ئېشەككە مىندۈرۈپ ساياھەت قىلدۇرۇۋاتقان بىر بوۋاينى ئۇچرىتىپ قالدۇق. بوۋاينىڭ ئىسمى ساۋۇر ھاپىز بولۇپ، چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بۇ بوۋاي بۇ يىل 94 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما بوۋاينىڭ چەبدەس قىياپىتى، راۋان گەپ-سۆزى، يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇنىڭ ئۇنچىلىك ياشقا كىرگەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

  - بوۋا، بۈگۈن كىرىمىڭىز قانداقراق؟ قانچىلىك پۇل تاپتىڭىز؟ دەپ سورىدۇق ساۋۇر بوۋايدىن.

  - 150 يۈەن تېپىپتىمەن،- بوۋاي بىزگە خۇشخۇيلۇق بىلەن شۇنداق جاۋاب بەرگەچ، يەنە ئېشىكىنى دىۋىتتى.

  پاراڭلىشىش جەريانىدا ئايان بولدىكى، بوۋاينىڭ ئوغلى بىلەن كېلىنىمۇ بۇ يايلاقتا چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى ئېچىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بوۋاي بۇلتۇر بىر مەزگىل ئېتى بىلەن ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپتۇ. ئەپسۇس، بىر كۈنى بىر ساياھەتچى ئات ئۈستىدە مەھكەم ئولتۇرالماي يېقىلىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئازراق باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگەچكە، ئۇ ئېشەكنى ئەپچىل، ياۋاش، ئات مىنىپ كۆرمىگەنلەر ئاسان چۈشۈپ كەتمەيدۇ، دەپ ئويلاپ، ئاتنى تاشلاپ، بۇ يىل يايلاققا ئىككى ئېشىكىنى ئېلىپ چىققان ئىكەن.

  ساۋۇر بوۋاي مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بىزدەك ياشانغانلارنىڭمۇ ياشانغاندا كۈتۈنىدىغان «ئىش ھەققى»مىز بار، داۋالىنىش ۋە باشقا خىراجەتلەردىن غەم قىلمايمىز. شۇنداقتىمۇ تېنىم ساغلام بولغاچقا، بىكار يۈرگۈچە دەپ ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقان «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن سۆزنىڭ ھېكمىتى بۈگۈن پاقىلىق كەنتىدە ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپتۇ. ئىلگىرى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە چەت، ياقا، شارائىتى جاپالىق يۇرت، دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتقان پاقىلىق كەنتىدە ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز يۇرتىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى قايتىدىن چوڭقۇر تونۇپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسماندىن ئىبارەت تەبئىي مۇھىتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىگە يۈرۈش قىلىپ، شەھەرلىكلەردەك «ئاق ياقىلىق» بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىزنى ناھايىتى سۆيۈندۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر