باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئاياللار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.20 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئاياللار مۇنبىرى 19-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

  شېن يۆيۆ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ياخشى دوستلار، ياخشى شېرىكلەر. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى» ئەرەب ئەللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، بۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىربىرىنى تولۇقلىشى، ئوچۇق تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەر «جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت ئىجرا پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئاياللار ئاپپاراتلىرى، ئاياللار تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاياللار ئىشلىرى مەسئۇللىرى، ئىلىم ساھەسى ۋە كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ھەمدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن 150 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. مۇنبەر مەزگىلىدە، يىغىن ۋەكىللىرى ئاياللارغا ھوقۇق بېرىش ۋە سىياسەت جەھەتتە قوللاش، ئاياللارنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسى، ئاياللار ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ قارالمىنى چۆرىدىگەن ھالدا يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆزلىشىشى ئۆتكۈزىدۇ ۋە مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر