خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دېڭ دوختۇرغا رەھمەت، دېڭ دوختۇر مەن ۋە ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى يۈكنى يوق قىلدى، سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭغا يەنە كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» يېقىندا، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مەخسۇس كېسەللەر ئامبولاتۇرىيەسىدە، 20 ياشلىق ئۇيغۇر قىز ئايگۈل جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي جەنۇب دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى دوتسېنتى دېڭ لىنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم رەھمىتىنى ئىپادىلىدى. 115 ياشلىق ئۇيغۇر موماي سارىخان دۈمبە ئاغرىش سەۋەبىدىن يىل بويى كارىۋاتتا يېتىپ دەم ئالاتتى، دوختۇرلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ۋاقتى بولسا كۆپرەك سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنىشنى قارار قىلدى...
9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تاللاپ ئەۋەتكەن جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي جەنۇب دوختۇرخانىسىنىڭ «دۆلەتنىڭ داۋالاش ئەترىتى»دىكى 11 مۇتەخەسسىس تاغلىق شەھەر چۇڭچىڭدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ، ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇردى. بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە، داۋالاش ئەترىتى كوچا- مەھەللىلەر، يېزا- بازارلارغا چۈشۈپ، شۇ جايدا سەككىز قېتىم چوڭ تىپتىكى سەييارە خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئازكەم 1500دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈپ، كېسىلىنى داۋالىدى. خالىس كېسەل كۆرۈش مەزگىلىدە، داۋالاش ئەترىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يەنە شۇ يەردىكى دوختۇرخانىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
بۇ يىل خەلقئارا نايتىڭگېل مېدالىغا ئېرىشكۈچى، غەربىي جەنۇب دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى يۇ جيەنپىڭ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش قاتارلىق پەرۋىش قىيىن نۇقتىلار ئۈستىدە مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، غەربىي جەنۇب دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېيجوڭ مۇنداق دېدى: بۇ دوختۇرخانا 10 يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ كەلدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن مالەندىكى مەلۇم بازىنىڭ دوختۇرخانىسىغا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا، جىمىسار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ياردەم بەردى، ھازىر يەنە قەشقەر شەھىرىدە سەييارە خالىس كېسەل كۆرۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇق، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئارقىلىق، شۇ جاي ئۈچۈن كېتىپ قالمايدىغان داۋالاش قوشۇنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى