باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دەل جايىدا، بىخەتەر، ئاشكارە كۆچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر ئائىلىنى كۆچۈرسە، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى

2017.09.18 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش نەق مەيدان يىغىنى 16-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ داجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، نامرات رايونلار تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. رايونلار، ئالاقىدار ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، قۇرۇلۇش پىلانلاش، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كېيىنكى تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئورۇندىدى، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كۆچۈرۈش كۆلىمى ۋە سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ، تۈر باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا، بىخەتەر ۋە ئاشكارە كۆچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ دىققەتنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرۈشكە قارىتىپ، جايلارنىڭ ئاممىنىڭ كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ھەل قىلىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئائىلىنى كۆچۈرسە، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش-ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆچۈرۈش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كېيىنكى يۆلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر