خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ مۇدىرى تاڭ دېڭجيې خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ 61-نۆۋەتلىك يىغىندا سۆز قىلماقتا.
شۇ كۈنى، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ 61-نۆۋەتلىك يىغىنى ۋېنادا باشلاندى، يىغىندا يادرو ساھەسىدىكى تېخنىكا ھەمكارلىقى، يادرو بىخەتەرلىكى ۋە كاپالىتى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
تاڭ دېڭجيې سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا باشتىن ـ ئاخىر ئەقلىي، ماسلاشقان، تەڭ ئىلگىرىلەش ئاساسىدىكى يادرو بىخەتەرلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش خەلقئارا ھەمكارلىقى داۋامىدا يادرولۇق رول ئويناشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى